UyghurMain Dictionary
سىرداش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر - بىرىگە سىرىنى، دەرد - ئەلەم، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئېيتىدىغان، مەخپىي تۇتمايدىغان كىشىلەر.
ھەقىقىي سىرداش دوستتىن باشقا، ھېچقانداق دورا يۈرەككە تەسىر قىلالمايدۇ. ئەزىمەت ئۆز سىردىشى ئۈچۈن ياشايدۇ. ئادەم ئۆمرىدە بىر ئەسرا تاپالىسىلا كۇپايە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆزئارا سىردىشىدىغان، كۆڭلىدىكى سىرلىرىنى، دەرد - ئەلەم ياكى ئارزۇ - ئۈمىد، ھېس - تۇيغۇلىرىنى دېيىشىدىغان كىشىلەر؛ دوست، ئاغىنە.
سۈپ. كۆڭلىدىكى سىرلىرىنى ئۆزئارا دېيىشىدىغان؛ بىر - بىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە سىرلىرىنى بىلىشىدىغان، ناھايىتى يېقىن.
ئەتىسى مەلىكە بىرقانچە سىرداش ئادەملىرىنى ئېلىپ چايغا كەپتۇ.