Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېربىيە پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
塞尔维亚王国
sài ěr wéi yà wáng guó
سېربلار بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدا قۇرغان پادىشاھلىق. سېربلار جەنۇبىي (قىسمىدىكى) سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ئاۋارلارنىڭ تاجاۋۇزىغائۇچرىغانلىقتىن دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ساۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ئادرىياتىك دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا، جۈملىدىن راشكا، زېتا، ترابۇنجا، خۇم ۋە بوسنىيە قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. Ⅹ ئەسىردە بىر مەھەل بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيىگە بويسۇنغان. 1190 - يىلى مۇستەقىل بولغان. 1217 - يىلى پادىشاھلىق بولۇپ قۇرۇلغان. 1346 - يىلى سىتېۋان دۇشان كورۇل بولۇپ سېربىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ زېمىنى سېربىيىدىن باشقا يەنە ماكېدونىيە (تېسسالونىكا بۇنىڭ سىرتىدا)، ئالبانىيە، ئىپروس، سېسالى قاتارلىق كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن. 1389 - يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا سېربىيە تۈركىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تۈركىيىنىڭ سۇلتانىغا ئەل بولۇپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور بولغان. 1459 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىغا رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1878 - يىلى مۇستەقىل بولغان. 1882 - يىلى قايتا پادىشاھلىق قۇرۇلغان. 1914 - يىلى 7 - ئايدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان. 1918 - يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن، سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن. 1929 - يىلى يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.