Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىراسىيبۇلۇس
دۇنيا تارىخى
塞拉绪布卢
sāi lā xù bù lú
(؟ - تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 390 ياكى 389) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، گېنېرال. ليۇكۇسنىڭ ئوغلى. دېموكراتىك سىياسەتنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى. ساموس ئارىلىدا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. ئانتىفون قاتارلىقلارنىڭ ئولىگارخ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان (مىلادىدىن 441 يىل ئىلگىرى). قېچىپ كەتكەن ئالبىيەدېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئافىناغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان (مىلادىدىن 407 يىل ئىلگىرى). پېلوپوننېس ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى)، كرىتىئاس قاتارلىقلار ئافىنادا <30 زالىم پادىشاھ>نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان مەزگىلدە تېبىسقا قېچىپ كەتكەن. تېبىستىكى دېموكراتلارنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، <30 زالىم پادىشاھ>نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا پۇت تېپىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر باشلاپ، پىيلې قورۇلىنى بېسىۋالغان. كەينىدىنلا بىليۇس پورتىدىكى مۇنكىيىدە كرىتىئاسنى مەغلۇپ قىلغان (ئۆلتۈرۈلگەن)؛ <30 زالىم پادىشاھ> ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئافېنادا دېموكراتىك سىياسەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مىلادىدىن 395 يىل ئىلگىرى، تىبىسنىڭ سپارتاغا قارشى تۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن. كېيىن ئېگېي دېڭىزىدە فلوتقا قوماندانلىق قىلغان.زورمۇزور ئولپان ئېلىش سەۋەبى بىلەن ئاسپېندۇس (كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پانفېرىيە چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان) ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.