UyghurMain Dictionary
سىقىم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئالقاننىڭ ئىچى.
ئاچسام ئالقىنىمدا، يۇمسام سىقىمىمدا. 8 بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچىنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بېسىم، ئازاب، جاپا.
سېنىڭ سىقىم ئىشلەتكىنىڭ ماڭا كار قىلمايدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
سىقىم بىلەن ئۆلچىنىدىغان، سىقىمغا تولغان.
بىر سىقىم ئارپىمۇ ئېشەككە ئوزۇق بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قول پەنجىسىنىڭ ئىچ يۈزى.
ئاچسام ئالقىنىمدا، يۇمسام سىقىمىمدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىنىڭ بارماق _ پەنجىلىرى جايلاشقان ئەزانىڭ ئىچكى تەرىپى.
بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسنىڭ چاڭگىلىغا تۇتۇلدۇم. ۋاقىت ئۇچۇمىڭدا تۇرمايدۇ. سىقىپ سىقىمىنى يالايدىغان.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئازاپ، جاپا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قولنىڭ بارماق ۋە ئالىقانلىرىنىڭ بىرەر نەرسىنى چاڭگاللاپ، سىققان ۋاقىتتىكى ھالىتى.
باي - شاڭيو دەمدۇ، شەنگەن - يايى دەمدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئاچسا ئالىقىنىدىكى، يۇمسا سىقىمىدىكى كىشىلەر بولۇپ قالدۇق.
مىق. ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئۆزىنى ئېنىقلاپ كەلگەن نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
مېكىياننىڭ خىيالى بىر سىقىم تېرىق (ماقال).