Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىپتا تاش قوراللار
دۇنيا تارىخى
细石器
xì shí qì
ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئادەتتە كەڭلىكى 1.5 سانتېمىتىر، ئۇزۇنلۇقى 5 سانتېمىتىردىن تۆۋەن بولغان سىپتا تاش قوراللارنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدىن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە كەڭ تارقالغان. بۇنىڭ ماتېرىياللىرى قاشتېشى، ھېقىق ۋە چاقماق تېشى قاتارلىقلار. ياسىغاندا ئاۋۋال ۋاستىلىك چوقۇپ ئۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاش پارچىلىرى چۈشۈرۈلۈپ، ئىككىنچى باسقۇچتا تاش پارچىلىرى سىلىقلىنىپ بىس ۋەئۇچ چىقىرىلغان. خىللىرى كۆپ، يەنى تاش ئوتىغۇچ، تاش ئۈچكە، يونىغۇچ ۋە بىگىز نەققاشلىق ئەسۋابى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چاساتاش پارچىلىرى ئادەتتە سۆڭەكتىن ياسالغان پىچاققا بېكىتىلىپ ئىشلىتىلگەن.