UyghurMain Dictionary
سپىروخېتالار
بىئولوگىيە
باكتېرىيىلەر ئىچىدىكى بىر ئالاھىدە تۈركۈم. ئۇنىڭ ھۈجەيرىسى ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم ئىلاستىك بولۇپ، بۇرمىسىمان ياكى دولقۇنسىمان ئىگىلگەن بولىدۇ. قىل ئاياغلىرى بولمايدۇ، ھۈجەيرىسىنى ئايلاندۇرۇش، ئېگىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى باكتېرىيىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ھۈجەيرە پوستىنىڭ سىرتىدا يەنە ئالاھىدە ئورىغۇچى پەردە ۋە 2 - 100 تال ئىنچىكە ئوق يىپ بولىدۇ. ئوق يىپ ستوپلازما تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى قۇتۇبىغا يېقىن ئورۇندا ئۆسىدۇ، ئۇلار ستوپلازما تۈۋرۈكىنى ئورىغان ھالدا قارىمۇ قارشى ئۇچقا قاراپ ئۇزىرايدۇ، ستوپلازما تۈۋرۈكى بىلەن ئوق يىپنى ئورىغۇچى پەردە ئوراپ تۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى بۇرمىسىمان تەنلەرنىڭ ھۈجەيرىسى ئىنچىكە، نۇر سۇندۇرۇشى ئاجىز، ئاسان رەڭلەنمەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپتا كۆرۈش تەس. شۇڭا دائىم غۇۋا كۆرۈش دائىرىسىدە ياكى پەرقلەندۈرگۈچى مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىلىدۇ. توغرىسىغا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، چىرىندىخور ھايات كەچۈرىدۇ، ئورتاقلىشىپ ماكانلىشىدۇ ياكى پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدۇ. سپىرو خېتالار ئادەتتە سپىروخېتالار ئەترىتى، سپىروخېتالار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بەش ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سپىروخېتالار ئۇرۇقدىشى سۇدا ئەركىن ياشايدۇ، يۇلۇن سپىروخېتا ئۇرۇقدىشى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ. بۇ ئىككى تۈر كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئۇرۇقداش، يەنى شالاڭ سپىروخېتا ئۇرۇقدىشى، زىچ سپىروخېتا ئۇرۇقدىشى ۋە ئىلمەكلىك سپىروخېتا ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلاردىكى نۇرغۇنلىغان تۈرلەر ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئىلمەكلىك سپىروخېتا ئۇرۇقدىشىدىكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلەر ئادەم ۋە نۇرغۇنلىغان ھايۋانلاردا ئىلمەكلىك سپىروخېتا كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىفىلىس سپىروخېتاسى ئادەملەردىكى سىفىلىس كېسەللىكىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى بولۇپلا قالماي قايتىلىما كېزىك شالاڭ سپىروخېتاسىمۇ ئادەمنى قايتىلىما كېزىك كېسەللىكىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سپىروخېتالار ئىنسانلارغا غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.