UyghurMain Dictionary
سپورا غوزىكى
بىئولوگىيە
مۇخلارنىڭ سپورىلىق تېنىنىڭ ئۇچىدىكى سپورا ھاسىل قىلىدىغان چوڭايغان قىسمى. ئادەتتە ئۇ شارسىمان، تۇخۇمسىمان ياكى سىلىندىرسىمان بولىدۇ، پىشقاندىن كېيىن يېرىلىپ سپورا تارقىتىدۇ. تەڭگە مۇخنىڭ سپورا غوزىكى پىشقاندىن كېيىن يېرىلىپ سپورا تارقىتىدۇ. تەڭگە مۇخنىڭ سپورا غوزىكى پىشقاندىن كېيىن تۆت ياپراق بويىچە توغرىسىغا يېرىلىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى رەتسىز يېرىلىدۇ. كاككۇك زىغىرىنىڭ سپورا غوزىكى پىشقاندىن كېيىن قاپقىقىدىن يېرىلىدۇ، بىراق باشقا خىل ئۇسۇلدا يېرىلغانلىرىمۇ بار. قارامۇخ تۆت ياپراق بوينچە ئۇزۇنسىغا يېرىلىدۇ.