Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېپوي
Domain: دۇنيا تارىخى西帕依
xī pà yī
ئىنگلىزچىدىكى Sepoy نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى پارسچىدىكى سىپاھ دېگەنلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەسكەر دېگەن مەنىدە. فرانسىيە - ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە ياللاپ ئىشلىتىلگەن ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئەسكەرلىرى بولۇپ، گورا (ياۋرۇپالىق ئەسكەرلەر) دىن پەرقلەندۈرۈلگەن. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورالى.ⅧⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئەسكەر ئېلىشقا باشلىغان. كېيىن ئەنگىلىيەمۇ ئۇنى دوراپ ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئادەم سانىنى 200 مىڭدىن ئاشۇرۋەتكەن. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىچكى قىسىمدادىن ۋە تائىپە ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت بولۇپ، ئىرقى كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇم ئېغىر بولغان، ھەربىي ئۆزگىرىشمۇ كۆپلەپ يۈز بەرگەن. 1857 - يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىدا ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرەشتىكى بىر مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.