UyghurMain Dictionary
سپېنگلېر
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1936) گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس. ھاللې، ميۇنخېن ۋە بېرلىن قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇغان. تارىخ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت فورمىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش جەريانىدۇر، دەپقارىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن غەربىي ياۋرۇپادا كاپىتالىزمىڭ كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى <غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى> دەپ ھېسابلىغان؛ بۇ <پاجىئە>لىك تەقدىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىلىتارىزم بىلەن <سوتسىيالىزم> بىرلەشتۈرۈلگەن <يېڭى مەدەنىيەت> نى تىكلەش زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ گىتلېرنىڭ <مىللىي سوتسىيالىزم> نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. <غەربنىڭ ھالاكىتى>، <تاللاش پەيتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.