UyghurMain Dictionary
سوزۇلما تەجرىبە
بىئولوگىيە
تەجرىبە ھايۋىنى بىلەن سىرتقى مۇھىت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي شارائىت نىسبەتەن مۇۋاپىق ساقلانغان ئەھۋالدا قىلىنىدىغان تەجرىبە. تەجرىبە ھايۋىنى ئۈستىدە خېلى ئۇزۇن مۇددەتكىچە تەكرار تەجرىبە ئىشلەشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سوزۇلما تەجرىبە دەپ ئاتالغان. بەزىدە ئالدىنئالا مىكروبسىز خرۇرگىيە ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ تەجرىبە قىلىنىدىغان ئورگاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش، كۆچۈرۈش ياكى بەدەن سىرتىغا ئېغىز ئاچقۇزۇش ئارقىلىق مەركۇز ئورگاننىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى كۆزىتىش ۋە ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى تەتقىق قىلىشتا ئالدى بىلەن مىكروبسىز مەشغۇلات شارائىتى ئاستىدا ھايۋان ئاشقازىنىدىن بىر كىچىك ئاشقازان بۆلۈپ چىقىش، كىچىك ئاشقازاننىڭ ئاجراتقان ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى يىغىۋېلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بەدەن سىرتىغا ئېغىز ئېچىش ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاشقازانچاق (كىچىك ئاشقازان) نىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى نورمال ھايۋان ئاشقازىنىنىڭ ئاجراتقان فۇنكسىيىسىنى نىسبەتەن توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ھەم پۈتۈن تەنىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا خېلى ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن ھەرخىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىدە قىسمەنلىك (چەكلىمىلىك) مەۋجۇت بولغاچقا، چوقۇم تەتقىقات مەقسىتى ۋە ئوبيېكتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق تەجرىبە ئۇسۇلىنى تاللاش زۆرۈر