UyghurMain Dictionary
سوۋۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىسسىقلىق دەرىجىسى، ھاراسۇرىتى تۆۋەنلىمەك، سوغۇق ھالەتكە كەلمەك.
بۇ كەچ كۈز پەسلى بولۇپ، كۈننىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ ھاۋامۇ بارغانسېرى سوۋۇماقتا ئىدى.
كۆچمە. مېھىر - مۇھەببىتىنى، مەيلىنى، ئىخلاسىنى يوقاتماق؛ كۆڭلى قالماق.
ئوقۇشتىن سوۋۇماق. ھۈنەردىن سوۋۇماق.