Uyghur←ChineseMain Dictionary
سوۋېت، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى
دۇنيا تارىخى
苏英法三国谈判
sū yīng fǎ sān guó tán pàn
1939 - يىلى 4، 8 - ئايلاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت، موسكۋادا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان سىياسىي، ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت گېرمانىيە پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سوېت ئىتتىپاقى ئەنگىليە، فرانسىيىگە سەككىز تۈرلۈك تەكلىپبەرگەن. ئۇنىڭدا، ناۋادا گېرمانىيە ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگىليە بىلەن فرانسىيىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ ناۋادا گېرمانىيە قارا دېڭىز بىلەن بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، ئەنگىليە بىلەن فرانسىيەمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىش مەجبورىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيەمۇ سەمىمىي بولمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنى يەككە- يىگانە گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئۆزلىرى ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكچى بولغان. شۇ سەۋەپتىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان سىياسىي سۆھبەتتىن ھېچبىر نەتىجە چىقمىغان. 7 - ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئورتاق چېگرىسى يوق، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسى پولشا، رومىنىيە زېمىنىدىن ئۆتۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شەرت ئاستىدىلا،ئاندىن ئەنگىلىيە، فرانسىيە، پولشا، رومىنىيىگە ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان. ئەنگىلىيە، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرغا قويغان شەرتنى ئۇزۇنغىچە قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دۆلەت سۆھبىتى ئاخىرى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۇزۇلغان. 8 - ئاينىڭ 23 -كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە <سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> ئىمزالىغان.