UyghurMain Dictionary
سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى
دۇنيا تارىخى
ئىشچىلار پارتىيىلىرى، سوتسىيالىستلار پارتىيسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلاتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە لېبورىستلار پارتىيىسى، ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر پارتىيىسى، سانائەت ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، بەزى دۆلەتلەردىكى ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار 1947 - 12 - ئايدا خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كېڭەش كومىتېتى قۇرغان ھەمدە 1951 - يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنى خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كېڭەشمە كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئۇنىڭ باش شتابى لوندوندا بولۇپ، 1974 - يىلى 6 - ئايغىچە 54 دۆلەتنىڭ 57 سوتسىيالىستلار پارتىيسى بىلەن لېبورستلار پارتىيىسى قاتناشقان. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ ئاتىۋالغان. ئۇنىڭ پروگراممىسى قۇرۇلۇش قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان <دېموكراتىك سوتسىيالىزمنىڭ نىشانىسى ۋە ۋەزىپىلىرى> بولۇپ، ئۇنىڭدا دېموكراتىك سوتسىيالىزم سىنىپىي ھەمكارلىق تەرغىپ قىلىنغان، كوممۇنىزمغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. 1980 - يىلى 11 - ئايغىچە سوتسىيالىستلار ئىنتېرناتسىئونالى 15 قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرغان.