UyghurMain Dictionary
سورت سىستېمىسى
بىئولوگىيە
ئورتاق ئەجدادتىن كەلگەن بىر قانچە ئەۋلادنى ئۆزىدىن چېتىشتۇرۇش ياكى يېقىن ئۇرۇق تۇغقىنىدىن چېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىرسىيەتلىك خۇسۇسىيىتى خېلى تۇراقلىق بولغان بىر توپ جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مىكرو بىئولوگىيىدە، سورت سىستېمىسى يالغۇز بىر باكتېرىيىدىن ھاسىل بولغان ئەۋلادلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ باكتېرىيە توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلا سورت سىستېمىسى كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلگەندىن كېيىن سورتقا ئايلىنىدۇ.