UyghurMain Dictionary
سوقماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تار يول، يالغۇز ئاياغ يول، چىغىر يول.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياڭاق مېغىزى، كىشمىش ئۈزۈملەر تاڭشى بىلەن قاتۇرۇلغان تاتلىق يېمەكلىك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ھەرىكەتنامە.
1 . ئۇرماق. تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقماق (ماقال) . * ئوتقا قاراپ تۆمۈرنى سوق (ماقال) .
2 . ياسىماق، سالماق. پىچاق سوقماق. * زىرە سوقماق. * قىز سوقماق. * تام سوقماق.
3 . زىرائەتنىڭ دېنىنى ئاجراتماق. قوناق سوقماق. * شال سوقماق.
4 . مىدىرلىما، ھەرىكەتلەنمەك. يۈرەك سوقماق. * تومۇر سوقماق.
5 . چالماق. چاۋاك سوقماق، جاڭ سوقماق.
6 . تەپمەك، ئۇرماق. توك سوقماق.
7 . ئوغرىلىماق، ئېلىۋالماق، باپلىماق، جايىلىماق. ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ (ماقال). * يانچۇقچىلار ئاپتۇبۇستا پۇلۇنى سوقۇۋاپتۇ.
8 . يېمەك، يەۋالماق. بىرلىگەن پولۇنى ئۇزەم يالغان سوقۇۋەتتىم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تار يول، كىردى - چىقتى يول.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تار يول، كىردى - چىقتى يول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسەن قول بىلەن ياكى تاياق - توقماق بىلەن ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن زەربە بەرمەك.
ئۇخلاۋاتقان ئىتنى ئۇرما. بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن. سوقماق ئاسان، باقماق تەس. يۇڭىنى ساۋايسەن، قوينى ساۋىما. بىراۋنى توقماقلىماقچى بولساڭ، دۈمبەڭدىن سورا. دۈشمىنىڭنى قوي دەپ كۈتمە، بۆرە دەپ دۇمبالا.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان تاتلىق يېمەكلىك.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
چىغىر يول، سوقماق يول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئايرىم كىشىلەر بىلىدىغان، يالغۇز ئاياغ ماڭىدىغان، چىغىر.
سوقماق يول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر نەرسىنى ئىككىنچى بىر نەرسىگە ئۇرماق.
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق (ماقال).
بىرەر شەكىلگەن، ھالەتكە كەلتۈرمەك، ياسىماق، سالماق.
پىچاق سوقماق. قىر سوقماق.
يانجىماق، ئۇۋىماق.
قوناق سوقماق. بۇغداي سوقماق.
چالماق.
چاۋاك سوقماق. جاڭ سوقماق.
بۇ چاغدا كىمدۇر بىرى ساپايى سوقۇۋاتقان كىشىدىن قانداق قىلىپ بۇ شەھەرگە مۇساپىر بولۇپ كېلىپ قالغانلىقىنى سورىدى.
ئۈزۈلمەي، توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق، ئۇرماق؛ تېپچەكلىمەك.
يۈرىكى سوقماق.
كۆچمە. تارتماق، خالىماق.
ئۇ چاغلاردا مېنىڭ كۆڭلۈم پاتىگۈلگە بەكرەك سوقاتتى.
چىقماق، ئۇرماق (شامال، بوران ھەققىدە).
ئىككى قىرغىقى پىچاقتا كەسكەندەك تىك يارلىق چوڭقۇر سايدىن تۆمۈرنىڭ ئىسسىقىنى بېسىپ، ساپ، سالقىن شامال سوقۇپ تۇراتتى.
تەپمەك، ئۇرماق (توك ھەققىدە).
توك سوقماق.
يوللىماق، ئەۋەتمەك، بەرمەك (تېلېفون، تېلېگرامما ھەققىدە).
تېلېفون سوقماق.
كۆچمە. ئوغرىلىماق، ئېلىۋالماق؛ بابلىماق، جايلىماق.
ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ (ماقال).
كۆچمە. يېمەك، يەۋالماق.
ئۇ يالغۇز قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پولۇنىڭ گۆشلىرىنى خىللاپ سوققىلى تۇردى.