Chinese→UyghurMain Dictionary
松平庆永
دۇنيا تارىخى
ماتسۇدا ئىرا يوشىناگا
(1828 - 1890) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئېچىزېن (فۇكۇئى) ۋاسسالىقىنىڭ بېگى. ئىسمى ئىسائوياسۇ، تەخەللۇسى كاسۇگاتاكا. پېررى پاراخوتىغا باشچىلىق قىلىپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن شوگنات ھۆكۈمىتىگە دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن، كېيىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان ھەمدە كۈچلۈك ۋاسساللار بىرلىشىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى توكۇگاۋا ئسنوبۇنى سىياگۇننىڭ ۋارىسى بولۇشقا كۈشكۈرتكەن. <ئەنجېڭ تەقىپى> ۋەقەسى مەزگىلىدە <تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش> جازاسىغا ئۇچرىغان. ساكۇرادا دارۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۆزگىرىشتىن كېيىن گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى لېدېرى، كيوتونىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئاكتىپ ھالدا شوگناتتا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئوردا بىلەن شوگناتنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە، ساتسۇما، ناگاسۇ قاتارلىق شوگناتنى قوراللىق كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەرەپدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، توكۇگاۋا جەمئىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كېلىشىم تۈزگۈچى، ئىچكى ئىشلار باش ۋالىيسى، خەلق ئىشلىرى ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.