Chinese→UyghurMain Dictionary
松井石根
دۇنيا تارىخى
ماتسۇئى ئىۋانې
(1878 - 1948) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1906 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى، خاربىندا تۇرۇشلۇق ئىشپىيونلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929 - يىلى 11 -دىۋىزىيىنىڭ كوماندىرى بولغان. 1933 - يىلى 8 - ئايدا تەيۋەن ئارمىيسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1935 - يىلى زاپاس ھەربىي قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1937 - يىلى 8 - ئايدا ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، <شاڭخەيگە ئەۋەتىلگەن ئارمىيە> نىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن يەنە <ئوتتۇرا جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى> نىڭ قوماندانى بولغان. 12 - ئايدا نەنجىڭنى ئىشغال قىلغان ھەمدە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئالتە ھەپتە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئارمىيە ۋە خەلقىدىن 300 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.