Chinese→UyghurMain Dictionary
松冈洋右
دۇنيا تارىخى
ماتسۇئوكا ئېسۇكې
(1880 - 1946) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1940 - 1941). ئامېرىكا ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1904 - يىلى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1919 - يىلى سايئونجى كىمىموچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1933 - يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل بولۇپ جەنۋە خەلقئارا ئىتتپاق يىغىنىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىتتپاق <مانجۇرىيە دۆلىتى>نى ئېتراپ قىلماسلىق تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىغاندا، ياپونىيەنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغنا. 1935 - 1938 - يىللىرى <مانجۇرىيە تۆمۈر يولى>نىڭ لىدىرى بولۇپ، ھەربىي ئىشلار شتاتىغا ماسلىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1940 - يىلى 7 - ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك كونوكى ئىچكى كابېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 9 - ئايدا <گېرمانىيە -ئىتالىيە - ياپونىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتپاق شەرتنامىسى>نى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. ئىككىنچى يىى 3 - ئايدا گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنى زىيارەت قىلغان، 4 - ئايدا موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن <ياپونىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى> بىتەرەپ تۇرۇش شەرتنامىسى<نى ئىمزالىغان. لېكىن 6 - ئايدا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياپونىيە - ئامېرىكا سۆھبىتىگە قارشى تۇرۇپ، كونوئې ئىچكى كابېنتىنى 7 - ئايدا ئومۇمىي ئىستېپا بېرىشكە مەجبور قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى سوت قىلىۋاتقان مەزگىلدە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.