Chinese→UyghurMain Dictionary
松村谦三
دۇنيا تارىخى
ماتسۇمۇرا كېنزو
(1883 - 1971) ياپونىيەنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىسى. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئەسلى <گېزىت - بىلىملىرى خەۋىرى> نىڭ مۇخبىرى، توياما ناھىيىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى. 1928 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1939 - يىلى دېقانچىلىق - ئورمانچىلىق ۋازارىتى مەمۇرىي ئىشلار مۇئاۋىن ئەمەلدارى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئازۇما خاساسى چىكا ئىچكى كابېنتتنىڭ خەلق ئىشلىرى ۋەزىرى، قوشۇمچە مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. سىدېخارا ئىچكى كابېنتىنىڭ دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان چاغدا، بىر قىسىم رايونلاردا يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. كېيىن ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قېلىش جازاسى بېرىلگەن. 1949 - يىلى ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1953 - يىلى يېڭىلاش پارتىيىسىنىڭ مۇلازىمەت باشلىقى بولغان. 1954 - يىلى ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى سىياسىي تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955 - يىلى خاتۇمايا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنتىنىڭ مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان. جۇڭگونى بەش قېتىم زىيارەت قىلىپ (1959، 1962، 1964، 1966، 1970)، جۇڭگو - ياپونىيە دوستانە ئىشلىرى ۋە جۇڭگو - پاپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. <ئۈچ ئەۋلاد ئەسلىمىلىرى> دېگەن ئەسىرى بار.