UyghurMain Dictionary
سومما جېڭى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، 1916 - يىلى 7 - 11 - ئايلاردىكى ئەنگىليە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي سەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قوزغىغان بىر قېتىملىق جەڭ بولۇپ،ۋېردېن رايونىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسىگە قاراتقان بېسىمىنى يېنىكلىتشنى مەقسەت قىلغان. كەسكىن پوزىتسىيە تالىشىش جېڭى ئارقىلىق ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئارمىيىسى گېرمانىيىدىن 180 كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن زېمىننى قايتۇرۋالغان. ئىككى تەرەپتىن جەمئىي بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئەنگىلىيە ئارمىيسى تانكا ئىشلەتكەن، بۇ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم تانكا ئىشلىتىپ ئۇرۇش قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.