UyghurMain Dictionary
سوكرات
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 399 -469) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، ئافىنادا تۇغۇلغان. ئاتىسى ھەيكەلتىراش، ئاپىسى ئاكوشىركا، ئايالى كىسانتىپې. ئايال دانىشمەن دىئوتىمادىن تەلىم ئالغان. ئۇ ماڭا دائىم <غايىپ ئاۋاز> ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ، قايسى ئىشنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، دەۋالغان. ئۆمۈر بويى شۇنىڭغا ئېتىاد قىلغان. ئوروپىزم ۋە پىفاگۇر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ياش ۋاقتىدا ھەيكەلتىراشلىق ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، كېيىن بۇنى تاشلاپ ئېتىكا، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۆزىنى بىلىش> ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۇرچى، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھاياتى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى ئاز. پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سەھنىدە قويۇلغان (مىلادىدىن 423 يىل ئىلگىرى) ئارىستوپاننىڭ <بۇلۇت> ناملىق درامىسىدا سوكراتنى <ئىدىيە دۇكىنى> ئاچقان سوفىست قىلىپ تەسۋىرلىگەن، بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئۇنىڭ داڭقى چىققانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.رىۋايەت قىلىنىىشچە، دېلفىلىق خۇدا ئاپوللون بۇ دۇنياغا ئەمدى سوكراتتىن ئەقىللىق ئادەم كەلمەيدۇ دەپ ئېيتقانمىش. ئۇ ئىقتىسادچىل بولۇپ، شاگىرت ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئوقۇش راسخوتى ئالمىغان. داۋاملىق ئافىنا كوچىلىرىدا كىشىلەر بىلەن ئادالەت، باتۇرلۇق، ئەخلاق، ئۆزىنى بىلىش، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكىمەقسىتى بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقۇمنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى بەلگىلەپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. دانىشمەنلەرنىڭ مەنچىللىق ۋە سىككېپتىنىسىزم (گۇمانخورلۇق)غا قارشى چىقىپ، ھەقىقەت ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇشىكېرەك دەپ ھېسابلىغان، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىگە، ھەربىر زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىش، سۈرۈشتۈرۈش بىلەن يەتمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشىشكە يېتەكلىگەن؛ بۇ خىل ئۇسسۇل سوكرات مەسخىرىسى ياكى قايتۇرۇپ سوراش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە ئەخلاق - بىلىم دېمەكلىك، بىلىملىك بولغاندىلا ئەخلاقلىقبولغىلى بولىدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. سوكرات روھ ئۆلمەيدۇ ۋە روھ تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۇقۇم دېگىنى ماھىيەتتە كونكرېت شەيئىلەردىن چىقىرىلغان ئۇقۇم بولماستىن بەلكى كونكرېت شەيئىلەر ئۇقۇم (روھنىڭ ئۆزىدىكى ئەسلىدىنبار بولغان نەرسە)دىن كەلگەن؛ كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەن تونۇشى، يەنى بىلىمى پەقەت بۇخىل ئۇقۇمنىڭ ئەسلىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ غەربنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى بىر خىل ئىدېئالىستىك تىرانسىندېنتالىزم (ئەزەلىلىك نەزەرىيىسى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوكرات ئەمگەكچى ئاممىغا سەل قاراپ، بىلىملىك، ئەخلاقلىق بولغان ئازسانلىق كىشىلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېموكراتىيە تۈزۈمى بولۇپمۇ ئافىنانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى رادىكال دېموكراتچىلىرىغا جېنىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلغان. ئانيىتۇس باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار سوكراتنى ئىككى تۈرلۈك گۇناھ يەنى: بىرى، ھۆكۈمەت دىنىغا ئىشەنمەي ئۆز ئالدىغا يېڭىئىلاھ (ئۇنىڭ <روھ> دېگىنىنى) تىكلىمەكچى، ئىككىنچىسى، ياشلارنى بۇلغىدى دەپ بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلغان. سوتتا گەرچە ئۇ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆلۈم جازاسى(ئوغا ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈش)غا ھۆكۈم قىلغان.ئۇنىڭ لوگىكا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى - تۇنجى بولۇپ ئىخچاملاش ۋە تەبىر بېرىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. سوكرات ئۆزى ئەسەر يېزىپ قالدۇرۇپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاساسەن ئەپلاتون، كىسېنونونت قاتارلىق شاگىرتلىرىنىڭ خاتىرلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئەپلاتوننىڭ نۇرغۇن <دىئالوگ> لىرىدىكى ئاساسىي پېرسۇناژ بولغان. ئۇنىڭ ئىدىيەۋە سۆز - ھەرىكىتىمۇ ئەپلاتون قاتارلىق كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە غەرب پەلسەپە تارىخىدىن مۇئەييەن ئورۇن ئالغان.