Uyghur←ChineseMain Dictionary
سوفىيە چېركاۋى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
索非亚大教堂事件
suǒ fēi yà dà jiào táng shì jiàn
9251 - يىلى 4 - ئاينى 16 - كۈنى بولغارىيىدە سوفىيە چېركاۋىدا يۈز بەرگەن فاشىستلارغا قارشى پارتلىتىش ۋەقەسى. مەملىكەت ئىچىدە قالغان بەزى بۇلغارىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى شۇ چاغدا مەيدانغا كەلگەن كاپىتالىزىمنى ۋاقىتلىق ۋە قىسمەن مۇقىم ئەھۋالىنى تۇنۇپ يەتمىگەنلىكتىن، پارتىيىنىڭ توغرا لۈشىيەنىگە خىلاپلىق قىلىپ قوزغىغان. ئۇلار سانكوۋ(1959 - 1879) ھۆكۈمىتى مىنىستىرلىرى، پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە سىياسىي ئەربابلار مۇشۇ چېركاۋغا يىغىلىپ گېنرال گېئورگېۋنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز پارتلاتقان. لېكىن سانكوۋ ۋە ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ۋەزىرلىرى يارىلانمىغان. ھۆكۈمەت مۇشۇنى باھانە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەت جاكارلىغان ھەم تېرورلۇق تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مىڭلىغان كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە فاشىستلارغا ئاكتىپ قارشى تۇرىۋاتقان باشقا جەڭچىلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىنچىلىق ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى ئىلغار زاتلار ئارىسىدا كەڭ قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.