UyghurMain Dictionary
سۆزسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ھەرىكەتكە مۇئەييەنلىك بېرىدۇ.
چوققىغا چىقىمەن دېگەن ئادەم جەزمەن يول تاپالايدۇ. تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چوقۇم تاڭ ئاتىدۇ. توپىلانغاننىڭ تارقىلىشى مۇقەررەر. ھەر قاچان دۈشمەندىن قاچقاندا لەشكەر، سۇلتانىغا يەتكەچ توختار مۇقەررەر. دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئاجرىتىش مۇھىم مەسىلە. بىز سۆزسىز غەلبە قىلىمىز. بۇ پىلان شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. دۈشمەننىڭ يېڭىلىشى، بىزنىڭ يېڭىشىمىز تەھقىق.ئىشىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى تۇرغان گەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سۆزى يوق، سۆز قىلمايدىغان؛ ئاۋازسىز.
سۆزسىز ئولتۇرماق. سۆزسىز ماڭماق.
رەۋ. شەرتسىز، شۈبھىسىز؛ چوقۇم.
سۆزسىز ئىتائەت قىلماق. سۆزسىز بويسۇنماق. سۆزسىز قوبۇل قىلماق.