Uyghur←ChineseMain Dictionary
سودېت ۋەقەسى
Domain: دۇنيا تارىخى苏台德事件
sū tái dé shì jiàn
1938 - يىلى فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى سودېت رايونىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، سودېتنى بېسىۋېلىش ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش مەقسىتىدە، سودېتتىكى گېرمان پارتىيىسى (ناتسىستلار)نى سودېت <ئاپتونومىيە>سىنى پىلانلاپ چىقىشقا ئۈزلۈكسىز قۇتراتقان. ئەنگلىيە،فرانسىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇرۇش ئاپىتىنى شەرققەباشلاپ قويۇپ، 1938 - يىلى 9 - ئايدا گېرمانىيە، ئىتالىيە بىلەن <ميۇنخېن كېلىشىمى> ئىمزالاپ، گېرمانىيىنىڭ سودېتنى (كۆلىمى 28مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى تەخمىنەن 3ىليون 600 مىڭ كىشى) يۇتۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ رايون چېخوسلوۋاكىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ يەردىكى گېرمانلار گېرمانىيىگە قايتۇرۋېتىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.