UyghurMain Dictionary
سوڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كېيىن:
ئانىڭدىن سوڭ يەنە مەشغۇل بولدۇم،
ئۆزۈمنى يوق قىلىپ مەجھۇل بولدۇم.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنىڭ قارشىسى، ئوڭنىڭ تەتۈرى.
خەقنىڭ ئەيىبى ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ئارقىدا. ئۆتكەن ۋاقىت ئارقىغا يانماس. باينىڭ ئالدى تار، كەينى كەڭ. كەينىدە كەلگەنگە سۆڭەك تېگەر. ياخشىغا سوڭ باستۇرۇپ يۈر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توغرا ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ ئاغزى، چوڭ تەرەت چىقىدىغان يەر.
«مەقئەت» ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدۇ.
كۆتى چىڭ. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچىدۇ. قوڭىغا پوق كەپلەشمەك. قوڭى بوش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئەۋلادى.
3 - 488
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېيىن، ئارقا.
سەن مەنىڭ سوڭدا كەل _ سەن مېنىڭ كەينىمدىن كەل، مېنى سوڭداپ كەل.
3 - 488
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سوڭ.
ھەر شەيئى ۋە ھەر ئىشنىڭ ئاخىرى. بۇ سۆز سوڭىندا ئايغىل _ بۇ سۆزنى ئاخىرىدا ئېيتقىن.
3 - 489
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئارقا، كەينى.
- مېڭىۋەر، كۆڭلۈڭ تارتىشىپ تۇرغاندۇ. كۆڭلۈڭ نېمىنى تارتسا، شۇنىڭ سوڭىدىن قالما دېگەن مۇشۇ، - دېدى ئاۋۇت.
ئى. پۇت، ئاياغ قاتارلىقلارنىڭ ئارقا قىسمى.
پۇتنىڭ سوڭى. خەينىڭ سوڭى. كەشنىڭ سوڭىغا دەسسىمەك.
رەۋ. كېيىن.
بۇندىن سوڭ. شۇندىن سوڭ.
ئى <ئانات> توغرا ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى ئېغىزى، مەقئەت. چوڭ تەرەت بۇ ئېغىز ئارقىلىق تەننىڭ سىرتىغا چىقىدۇ.
سوڭى چىقماق. سوڭ ئاقمىسى.