Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېنېكا
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
塞涅卡
sāi niè kǎ
ئۇنىۋېرسال
塞涅卡
sāi niè kǎDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
塞尼卡
sāi ní kǎ
دۇنيا تارىخى
塞涅卡
sāi niè kǎ
تەخمىنەن مىلادىدىن 4 يىل ئىلگىرى مىلادى 65 - يىلى( قەدىمكى رىم پەيلاسوپى. يېڭى سىتوئىكىچىلارنىڭ ۋەكىلى. ئىسپانىيەنىڭ كوردوۋا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى باي رىتسار ۋە ستىلىستىكا ئالىمى. ئاپىسى مەشھۇر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا رىمغا بېرىپ ستىلىستىكا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئىمپېراتوركالىگۇلا تەختتە تۇرغان چاغدا مالىيە ئەمەلدارى بولغان. ئىمپېراتورى كىلائودىئۇس دەۋرىدە، كورسىكا ئارىلىغا )مىلادى 41 - يىلى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى خانىكىنىڭ چىشىغا تەگكەنمىش( سۈرگۈن قىلىنغان. مىلادى 49 - يىلى يېڭى خانىكە كىچىك ئاگرىپپىنانىڭ تەلىپى بويىچەقايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئوغلى نېروغا ئۇستاز بولغان، نېرو تەختكە چىققاندىن كېيىن )مىلادى54 - يىلى( كونسۇل بولغان. نۇرغۇن مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەم نېرونىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن، نېرو رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىئۈچۈن ئۆز بېشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر مەھەل ئۆزىنى دالدىغا ئالغان، ئاخىر پىسونىڭ سۈيقەستلىك دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ، نېرو ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا بۇيرۇغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ تەمكىن ھالدا ئۆز قان تۇمۇرىنى كىسىۋەتكەن. ئۇ ئۆزىنى سىتوئىكچىلارنىڭ مۇرىتى دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، ئىبىجورۇچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەخلاقىي پەلسەپىسىگە دائىرنۇرغۇن قىسقا ئوبزورلارنى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى <غەزەپ ھەققىدە>، <رەھىمدىللىك ھەققىدە>، <روھىي خاتىرجەملىك ھەققىدە>، <بىكارچىلىق ھەققىدە>، <بەختلىك ھاياتھەققىدە> قاتارلىقلار ۋە <لوچىليوغا ئەۋەتكەن خەت - چەكلەر>، <ئەخلاق ھەققىدىكى خەت -چەكلەر>دىن يۈز نەچچە پارچە بار. دىنىي مىستېتزم ۋە تەقدىرچىلىكنى تەرغىپ قىلغان. ھايات ئۆلۈمنىڭ تەييارلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، پەلسەپەنىڭ ۋەزىپىسى - كىشىنى روھىي جەھەتتىن مۇستەقىللىككە ۋە تىنچلىققا ) تەسىرلەنمەسلىك( ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پېشانىسىدىن كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - بىرخىل گۈزەل ئەخلاقتۇر، دەپ ھېسابلىغان. بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش - خىيالىي چۈش، جىسىم - روھنىڭ يۈكى )كىشەنى( دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، ھەممە ئادەم )جۈملىدىن قۇللار( باراۋەر بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى خرىستىئان دىنىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن بۇ خىلدىكى ۋەزلەر ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىك تۇرمۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان. توققۇز خىل تراگىدىيە )بەزىلەر ساختا ئەسەر دەپ گۇمانلىنىدۇ( ساقلانغان. مەسىلەن، <ئاگامېمنون>، <ئىدىپوس>،<مېيدىيا> قاتارلىق. سۇژىت جەھەتتىن قارىغاندا يۇنان دراماتورگلىرىغا تەقلىد قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سىئوئىكچىلىق ئەخلاق قارىشىنى تەرغىپ قىلغان.