Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېنات
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
锡纳斯
xī nà sīDئۇنىۋېرسال
元老院
yuán lǎo yuànDئۇنىۋېرسال
参议院
cān yì yuàn
دۇنيا تارىخى
元老院
yuán lǎo yuàn
(1) قەدىمكى رىم دۆلىتىنىڭ مۇھىم ھوقۇق ئورگىنى <خانلىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرى> (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە)دىن باشلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئەزالىرى دەسلەپ 100 كىشى بولۇپ، كېيىن 300 كىشىگە كۆپىيىپ، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇلار <خان> نىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئەنئەنىنىڭ ھىمايىچىلىرى بولۇپ، كورىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرى ئۇنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. رىم جۇمھۇرىيىتى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھوقۇق كۈچىگەئىگە ئاقسۆڭەكلەر ۋە ۋەزىپىسىدىن قالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار (ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى مەنسەپدارلار)دىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى (ئالبومىنى) دەسلەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارلارتۈزگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سېنزور (باش مۇپەتتىش) تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن باشلاپ پۇقرالار (ئەمەلىيەتتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەللەرنى ۋە باشقا يۇقىرى مەنسەپلەرنى ئۆتىيەلەيدىغان، سېناتقىمۇ قاتنىشالايدىغان بولغان. سېنات ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش، دۆلەت ئامانلىقى، ئەسكەر قوبۇل قىلىپ قوشۇن تۈزۈش، مالىيە ئاتچوتى، قانۇن - پەرمانلارنى تەستىقلاش، ئەدلىيە - ھۆكۈم ۋە دۆلەت تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ئالىي ھوقۇقىنى باشقۇرغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەنئەنىسىنىڭ ۋەكىلى ھەمھىمايىچىسى. جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى مۇستەبىتلەر (مەسىلەن: سولون)،دائىم سېناتنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادى Ⅴ ئەسىرگىچە) ئىمپېراتورنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سېناتنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن. ھەرقايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ھوقۇقلۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قاتنىشىشىغائەگىشىپ سېناتنىڭ مۇھىملىقىمۇ تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن. (2) ⅥⅩ ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمدىكى پولشا دۆلىتى تەسىس قىلغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئىسمى. ئاقسۆڭەك بيۇرۇكراتلار ۋە چېركاۋنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن، پادىشاھ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىچكى - تاشقى سىياسەت قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى بەلگىلەيدىغان دائىمىي ئورگان. (3) يەنە بىر مەنىسى - ھۆكۈمەت پالاتاسى، 1711 - يىلى روسىيىدە پېتىرⅠ تەسىسىس قىلغان، بارا - بارا ئۆزگىرىپ چار پادىشاھنىڭ ئىلكىدىكى ئەڭ ئالىي بيۇروكرات ئورگانغا ئايلىنىپ كەتكەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئەڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنىغائۆزگەرتىلگەن. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (4) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن تەسىس قىلىنغان، قانۇن چىقرىش، قانۇن لايىھىلىرىنى تەستىقلاش ياكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئورگان. (5) 1871 - 1891 - يىللاردىكى ياپونىيىنىڭ قانۇن چىقرىش، مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى.