UyghurMain Dictionary
سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇش
بىئولوگىيە
ئىككى ياكى كۆپ گېنلىق ئارىلاش بىرلەشمە تەنچىنى ئۇنىڭ ئەجداد تىپىگە مۇناسىپ ھالدىكى يوشۇرۇن ساپ بىرلەشمە تەنچە بىلەن چېتىشتۇرۇش ئۇسۇلى. سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇلغان ئەۋلادتىن ئارىلاش بىرلەشمە تەنچىنىڭ گېن تىپى ۋە گېن ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. <ئۈچ نۇقتىلىق سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇش> قا قاراڭ.