Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىمىس قانۇنى
دۇنيا تارىخى
史密斯法
shǐ mì sī fǎ
ئامېرىكىنىڭ <1940 - يىلدىكى مۇھاجىرلارنى تىزىملاش قانۇنى>.1940 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى <فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش>نى باھانەقىلىپ بۇ قانۇننى ماقۇللىغان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سىمىس بۇ قانۇنغا قوشۇمچە ماددىلارنى قوشۇشنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قانۇندا: ئومۇمەن زورلۇق كۈچ بىلەن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇيۇشتۇرغان ياكى مۇشۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، قاتناشقان، ھەمكارلاشقان كىشىلەرگە ۋە ياكى مۇشۇنداق مەقسەتتىكى تەشكىلاتلارنى قۇرغۇچىلارغا ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 10 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلىدۇ، ياكى ھەر ئىككىلا جازا تەڭ بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە: ئومۇمەن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئامېرىكا پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلەر ئامېرىكىغا سادىقلىقنى بىلدۈرىدىغان تىزىملاش جەدۋىلىگە تىزىملىتىشى ۋە بارمىقىنى بېسىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. 1946 - يىلى <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> باشلانغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن كۆپىنچە ئامېرىكا كوممۇنىستلىرىغا قارشى تۇرۇشقائىشلىتىلگەن. 1961 - يىلى 6 - ئايدا، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇننىڭ <پارتىيىۋىلىك ماددىسى> غىمۇ كېسىم قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۈپكى ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن.