Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكى
Domain: دۇنيا تارىخى西门调查团
xī mén diào chá tuán
سىمون كومىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەتقىقى قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى. تۆۋەن پالاتانىڭ سەككىز نەپەرئەزاسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىمون (1873 - 1954)ئۆمەك باشلىقى بولغان. ۋەزىپىسى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمى، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئەنگىليەگە قاراشلىق ھىندىستان ۋەكىللەر ئورگانلىرىنىڭ تەرققىياتىنى ھەمدە جاۋابكارلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە يەرلىك قانۇن چىقارغۇچى ئورگانلاردا تۆۋەن پالاتا تەسىس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت. 1927 - ۋە 1928 - يىللىرى ئىككى قېتىم ھىندىستانغا بارغان، بۇ ئۆمەككە ھىندىستانلىق قاتناشمىغانلىقتىن، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان ھەمدە ھىندىستان خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1930 - يىلى دوكلاتنامە ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ كېيىنكى ئەنگلىيە - ھىندىستان لوندون يۇمىلاق جوزا يىغىنى مۇھاكىمىسىنىڭ مۇھىم مەزمونى بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.