Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېلىشتۇرما پىسخولوگىيە
پسىخولوگىيە
比较心理学
bǐ jiào xīn lǐ xué
بۇ ھايۋانات پىسخولوگىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پەن ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا ئادەم بىلەن ھايۋان قىلىقلىرى ئارىسىدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات مۇناسىۋىتى ئاساس قىلىنىپ ئېلىنىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا تەتقىقاتتا سېلىشتۇرما پىسخولوگىيە دەپ ئاتالغان. بىرىنچى بولۇپ سېلشتۇرما پىسخولوگىيىنى يازغان، ھايۋان بىلەن ئادەم پىسخىكىسىدىكى ئۈزلۈكسىزلىكنى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن تەتقىق قىلغان كىشى ئەنگىلىيە بىئولوگى رومانېس بولدى. ئۇ 1883 - يىلى « ھايۋان ئەقلى» دېگەن كىيابنى ئېلان قىلدى. كىتابتا ھايۋانلارنىڭ پائالىيەتلىرى قىزىقارلىق ھالدا ئادەملەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنسان ئەقلى ھايۋان ئەقلىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىدى. ھايۋان قىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئۇسۇلىنى بىرىنچى بولۇپ قوللانغان كىشى گىرمانىيە بىئولوگى لوپ (1924 - 1859 ) بولدى . ئۇ ھايۋانلارنىڭ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلدى. شۇنىڭدەك كېيىن ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەردە ھايۋانات پىسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئىشى تېزلىك بىلەن ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدى.
GetWord Corpus
9比较心理学
bǐ jiào xīn lǐ xué
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.