Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىلېشېير
Domain: دۇنيا تارىخى施莱歇尔
shī lái xiē ěr
(1882 - 1934) گېرمانىيە ۋىيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى (1932 - 1933). پرۇسسىيەدە ئوفىتسىر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش چېغىدا تۆۋەن دەرىجىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئارمىيىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گازارما ناچالنىكى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى مەخپىي ساقلاش ۋە قايتا رەتلەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. زۇڭتۇڭ ھىندېنبۇرگ بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ برۇننگ ۋە پاپېننىڭ كابىنېت تەشكىللىشىنى قوللىغان. 1932 - يىلى 12 - ئايدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 1933 - يىلى1 - ئايدا ناتسىستلار تەختكە چىققاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. 1934 - يىلى 6 - ئايدا گىتلېر قوزغىغان <قانلىق تازىلاش>تا ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.