Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېلىنوگراد
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر切利诺格勒
qiē lì nuò gé lè
سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندىكى سېلىنوگرات ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، سېلىنوگراد 1939 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇ، ئىشىم دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئەتراپىدا بۇرۇن ئاق گۈمبەز ياكى مازارلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن شەھەرنىڭ بۇ خىل قىياپىتىگە ئاساسەن قازاقچە <ئاقمولا> يەنى <ئاق گۈمبەز> دەپ ئاتالغان. بۇ نام رۇس تەلەپپۇزىچە ئۆزگىرىپ 1832 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە <ئاكمولىنىسكى> دەپ ئاتالغان. سېلىنوگراد شەھىرى بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىبىرىيىگە بارىدىغان كارۋان يوللىرىنىڭ مۇھىم ئۆتەڭلىرىدىن بىرى بولغان بولسا، ھازىر قازاقىستاندىكى مۇھىم سانائەت - قاتناش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى切利诺格勒
qiē lì nuò gé lè
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.