UyghurMain Dictionary
سىلكىندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىلكىندى، سىلكىۋالدى، دىرىلدىدى.
ئەر تونىن سىلكىندى _ ئادەم تونىنى سىلكىۋالدى. ئەر سىلكىندى _ ئادەم (سوغۇقتىن) سىلكىندى، دىرىلدىدى. تەۋە سىلكىندى _ تۆگە سىلكىندى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تەۋە سىلكىنسە ئەشەككە يۈك چىقار _ تۆگە سىلكىنسە، ئېشەككە يۈك چىقار. بۇ ماقال كىچىك ئىشنى تاشلاپ، چوڭ ئىشقا كىرىشىشكە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ ( سىلكىنۈر _ سىلكىنمەك).
2 - 357