UyghurMain Dictionary
سېكىستوس ئىمپېرىكۇس
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅲ ئەسىردىكى قەدىمكى رىم پەيلاسوپى. كېيىنكى دەۋردە ئۆتكەن شۈبھىچى. ئىش پائالىيەتلىرى نامەلۇم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالېكساندرىيە ۋە رىمدا پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئۇ، شۈبھىچىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ھەرقانداق نەرسىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بىرىنچىدىن، ئۆز - ئۆزىنى بىلىپ كەتكەن ھېچقانداق نەرسە يوق، چۈنكى تۇيغۇ بولسۇن ياكى ئىدىيە بولسۇن، ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ،ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى بولالايدىغان بارلىق نەرسىلەر زىددىيەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ۋە ئىشەنچسىز. ئىككىنچى، ھەرقانداق نەرسىنى باشقا نەرسە ئارقىلىق بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، مەلۇم نەرسىنى بىلىشكە ۋاسىتە بولغان ھېلىقى نەرسىنى يەنە باشقا نەرسە ئارقىلىق بېلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، ئايلانما دەلىللەش ۋە <چەكسىز ئىلگىرلەش> ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ھەرقانداق شەيئىلەرگە بىقارار بولىدىغان شۈبھىچىلىك پوزىتسىيىدەبولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىككى خىل ئەسىرى تارقىلىپ كەلمەكتە. <پېررون تەلىماتى پروگراممىسى> ئۈچ توم. ئۇنىڭدا قەدىمكى يۇنان شۈبھىچىلىرىنىڭ پىرى پېرروننىڭ تەلىماتى بايان قىلىنغان؛ <ماتېماتىكىغا قارشى> (<ھۆكۈم چىقارغۇچىغا رەددىيە> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) 11 توم، ئۇنىڭدا دەلىللەنگەن بارلىق پەلسەپىگە، جۈملىدىن گرامماتىكا، ستىلىستىكا، گېئومېتىرىيە، مۇنەججىمىلىك، ماتېماتىكا ۋە ئاھاڭغا ئوخشاش تۈرلۈك پەنلەرگە ھۇجۇم قىلىنغان، ناتۇرال پەيلاسوپلارغا، لوگىكاشۇناسلارغا رەددىيە بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پەلسەپە تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەت - ماتېرىياللار ساقلانغان.