Uyghur←ChineseMain Dictionary
سكىپىئو
دۇنيا تارىخى
西庇阿
xī bì ā
قەدىمكى رىمدىكى مەشھۇر ئاقسۆڭەك. جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە كۆپلەپ مەشھۇر سەركەردىلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،دائىم تىلغا ئېلىنىدىغىنى ئىككى كىشى. (1) چوڭ سكىپىئو (مىلادىدىن ئىلگىرى 236 - 184). قەدىمكى رىم قوماندانى. ياش ۋاقتىدا كانناي ئۇرۇشى (مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى)غا قاتنىشىپ، بەختكە يارىشا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 209 يىل ئىلگىرى قوشۇن باشلاپ، ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرىپ، يېڭى كارفاگېننى ئىشغال قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن گاننىبالنىڭ ئىنىسى گاسدرۇبالنىڭ ئىتالىيىگە ئەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇنىنى يەڭگەن. مىلادىدىن 205 يىل ئىلگىرى كونسۇللۇققا تەيىنلىنىپ، ئىككىنچى يىلى كارفاگېن زېمىنى (ھازىرقى تۇنىس)غا ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى زاما ئۇرۇشىدا گاننىبالنى يېڭىپ، ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنىئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ <ئافرىكانۇس سكىپىئو> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. كېيىن نازارەتچى ئەمەلدار (مىلادىدىن 199 يىل ئىلگىرى) بولغان، قايتىدىن كونسۇل (مىلادىدىن 194 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى ماگېنسىيە ئۇرۇشى (ئوتتۇرا ئاسىيادا)غا قاتنىشىپ، سېلېئۇكوس (سۈرىيە) پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئانتىئوكۇس Ⅲ نى مەغلۇپ قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كامپانىيىنىڭ لىتېرنۇم دېگەن يېرىگە قايتىدىن ئولتۇراقلىشىپ قالغان. (2) كىچىك سكىپىئو (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 185 - 129). قەدىمكى رىم قوماندانى، چوڭ سكىپىئونىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ بېقىۋالغان بالىسى. ياش ۋاقتىدا پىدنا ئۇرۇشى (مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى)غا قاتناشقانھەمدە ئىسپانىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن 147 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، شىمالىي ئافرىقىغا لەشكەر تارتىپ كىرگەن، ئىككىنچى يىلى كارفاگېن شەھىرىنى ئېلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، <ئافرىكانۇس سكىپىئو> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىن نازارەتچى ئەمەلدار (مىلادىدىن 142 يىل ئىلگىرى)، قايتىدىن كونسۇل (مىلادىدىن 134 يىل ئىلگىرى) بولغان. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى، ئۇزاق ۋاقىت قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نۇمانتىيەنى ئىشغال قىلغان، ئىسپانىيەنىڭ چوڭ يېرىمىنى بويسۇندۇرغا، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر ناتىقى تىبېرىئوگراككۇنىڭ يەر قانۇنىغا قارشىتۇرغۇچى. يۇنان ئەدەبىيات - سەنئىتىگە قىزىققان، يۇنان ئالىملىرى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىنى ھامىيلىقىغا ئالغان. تارىخشۇناس پولىبىئۇسنى ئۇستاز تۇتقان.