Chinese→UyghurMain Dictionary
斯塔姆博洛夫
دۇنيا تارىخى
ستامبولوۋ
(1854 - 1895) بۇلغارىيەنىڭ باش ۋەزىرى (1887 - 1894). ياش ۋاقتىدا تۈركىيىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. 1876 - يىلى تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئاپرېل قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇلغارىيە 1878 - يىلى ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلغارىيەنىڭ ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1884 - 1885 - يىللاردا مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. 1886 - يىلى كىنەز باتتېنبېرگ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغاندىن كېيىن، ئۇ نائىب كومىتىتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1886 - 1887 - يىللاردا خەلق ئەركىنلىك پارتىيىسىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە ساقچى تېرورلۇقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئورناتقان، تاشقى جەھەتتە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيەئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيىگە يۆلەنگەن. كېيىن سوفىيىدە قەتىل قىلىنغان.