Chinese→UyghurMain Dictionary
斯莱登
دۇنيا تارىخى
سلېيدانۇس
(تەخمىنەن 1506 - 1556)گېرمانىيەنىڭ پروتېستانت دىنىي تارىخشۇناسى. شلېيدېن (ھازىرقى كيولىننىڭ يېنىدا)دا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا نىدىرلاندىيىنىڭ لېگې (ھازىرقى بېلگىيىگە تەۋە)، فرانسىيىنىڭ پارىژ ۋە ئورلىئان قاتارلىق شەھەرلىرىدەقەدىمكى زامان تىلى ۋە قانۇنشۇناسلىقىنى ئۆگەنگەن. 1537 - يىلى فرانسىيە كورۇلى فرانسۇس Ⅰ نىڭ قولىدا ئىشلىگەن. 1541 - يىلى دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ پروتېستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1524 - يىلى گېرمانىيىگە قايتقان. ئۇ گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەگلەرنىڭ فرانسىيە كورۇلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئېمپىراتورى چارلېس Ⅴكە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <ئىمپېراتورچارلېس Ⅴدەۋرىدىكى سىياسىي، دىن ئەھۋلىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى>دېگەن 26 توملۇق ئەسىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭدا مارتىن لۇتېرنىڭ 1517 - يىلى قوزغىلىشىدىن تارتىپ، 1555 - يىلى <ئاۋگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى>نىڭ ئىمزالىنىشىغا قەدەر بولغان گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھاتىنىڭ جەريانى سېستىمىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە فروسسارتنىڭ <يىلنامە>سى ۋە كومىنېسنىڭ <ئەسلىمە>سىنى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلغان.