Chinese→UyghurMain Dictionary
斯库普什丁纳谋杀案
دۇنيا تارىخى
سكۇپىشتنا قەتل قىلىش دېلوسى
1928 - يىلى 6 - ئايدىكى يۇگوسلاۋىيە خورۋات دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى رادىچنى قەتل قىلىش ۋەقەسى. يۇگۇسلاۋىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سېربىيە <رادىكاللار پارتىيىسى> ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللىي پارتىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 1926 -يىلدىن باشلاپلا ئېغىر دەرىجىدە يامانلىشىشقا باشلىغان. سكوپىشتنا (<پارلامېنت> دېگەن مەنىدە) 1928 - يىل 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەجلىس ئاچقاندا، ئۇنىڭ كرودىيە دېھقانلار پارتىيسىدىن بولغان ئەزاسى ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ داھىيىسى رادىچ ھۆكۈمەتنىڭ 1924 ۋە 1925 - يىللىرى ئىتالىيە بىلەن ئىمزالىغان خورۋاتلار مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەرتنامىنى سۆككەن، رادىكاللار پارتىيىسىدىن بولغان بىرنەپەر پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ سۆزلىگەن، ئارقىدىنلا رادىچقا ئوق چىقىرىپ، خورۋات دېھقانلار پارتىيىسىدىن بولغان ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، رادىچ ئېغىر يارىلىنىپ ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىك ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكەسەۋەپچى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەت كۈنسايىن چوڭقۇرلاشقان.