Chinese→UyghurMain Dictionary
斯克良斯基
دۇنيا تارىخى
سكليانسكىي
(1892 - 1925). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەربابى. مىشچانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1913 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)گە قاتناشقان. 1916 - يىلى كىيېۋ داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي سەپكە كىرىپ، ھەربىي دوختۇر بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، دەسلەپتە دېۋېنسىك پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن پېتېرۇگراد ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىغائاكتىپ قاتناشقان. 1917 - 1918 - يىللاردا دېڭىز ئارمىيە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1918 - يىلى 3 - ئايدا روسىيە ئىتتىپاقى ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن رېسپوبلىكلار ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، تروتىسكىي بىلەن بىللە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. 1924 - يىلى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. مۇشۇ جەرياندا خىزمەت بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن.