Chinese→UyghurMain Dictionary
斯多葛派
دۇنيا تارىخى
ستوئىكوئى ئېقىمى
قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەيدا بولغان پەلسەپە ئېقىمى. بۇ ئېقىمنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى زېنون (تىستۇم) بولۇپ، ئۇ ئافىنا مەيدانىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلغان تۈۋرۈكلۈك پېشايۋاننىڭ نىڭ ئاستىدا مەكتەپ ئېچىپ شاگىرت تەربىيىلگەن، تۈۋرۈكلۈك پېشايۋا يۇنان تىلىدا ستوئا دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ستوئىكوئى دەپ نام ئالغان، مەنىسى <رەسىملىك پېشايۋان ئېقىمى> دېگەنلىك بولىدۇ. زېنون ھېراكلىتنىڭ تەلىماتىغا ئەگىشىپ، ئالەمنىڭ ئاساسىي ئېلېمنتى ئوتتۇر، ئادەم <تەبىئەتكە ئىتائەت قىلىپ> ياشىشى لازىم، دەپ قارىغان. بۇ ئېقىمنىڭ دەسلەپكى ۋەكللىرىدىن يەنە كلېئانتېس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر)، خرىسىپپوس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر)قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالەم قارىشى يەنىلا ساددا ماتېرىيالىزمغا مايىل ئىدى؛ ئۇلار يەنە فورمال لوگىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئېتىكا تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى مەۋجۇت بولامدۇ - يوق دېگەن مەسىلىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغانىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رودې ئاراللىق پانائىتىئوس ستوئىكوئى پەلسەپىسىنى رىمغا تارقاتقان، ئۇ رىملىق مەشھۇر كىشى - كىچىك ستىسپو بىلەن دوست بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئافىنادا ستوئا مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. رىملىق سىتىسېرومۇ مۇشۇ ئېقىمدىكى ئالىم، سۈرىيىلەلىك پوسېدونىئوس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە) نىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ، يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى روھنىڭ قايتىشى تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ستوئىكوئى ئېقىمىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم شەخسلەر رىمن ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېنېكا، ئېپىكتېتوس ۋە ماركۇس ئاۋرېلىئوس بولۇپ، ئۇلار تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشقا قىلچىمۇ قىزىقمىغان، ئاساسەن ئېتىكا پەلسەپىسىنىڭ تېمىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە مۇھاكىمە قىلغان، بۇ چاغدا دەسلەپكى مەزگىللىك ستوئىكوئى ئېقىمىنىڭ ساددا ماتېرىيالىزمدىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، ئادەتتە < يېڭى ستوئىكوئى ئېقىمى> دەپ ئاتالغان. بۇئېقىم پاسسىپ تەركىدۇنياچى تەقدىرچىلىك تەرەپدارلىرى بولۇپ، بايلىقتىن بىزار بولغان(ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتە)، زاھىتلىقنى تەرغىپ قىلغان، مەنسەپ - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقنى ۋە ھەۋەس قىلماسلىق (باشقا نەرسىلەرگە قىزىقماسلىق)نى تەكىتلەپ، <تەن روھنىڭ ئاسارىتىدۇر> دېگەننى تەشۋىق قىلغان. ئۇلار يەنە <دۇنياۋى دۆلەت>، <دۇنياۋى پۇقرا> دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كىشىلەر دوستانە ئۆتىشى لازىم، ھەتتا دۈشمىنىنىمۇ ياخشى كۆرۈشى كېرەك دەپ قارىغان ھەمدە قۇللارمۇ ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى بولسا بولىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلغان. ستوئىكوئى ئېقىمىدىكى پەلسەپە ئىپتىدائىي خرىستىئان دىنىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرىدىن بىرى بولغانىدى.
ئۇنىۋېرسال
sī duō gě pài
ستوئىك نەزھىپى
Dقانۇن
sī duō gě pài
ستوكويچىلار