UyghurMain Dictionary
سىياسەت قىلماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قاتتىق جازالىماق، قورقۇتماق، پوپوزا قىلماق.
چۇ فەرمان قىلىپ ئول پەرى مەرگىگە،
سىياسەت قىلىپ بەلكى گۇل بەركىگە.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل يوللار بىلەن قورقۇتماق.
دۈشمەن دائىم پوپوزا قىلىدۇ، پوپوزىدىن قورققان ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىدۇ. ھەيۋە قىلغان، كىم بىلدۇ. قورققىندىن قىلىدىغاندۇ؟ جاھانگىرلار ئاسيا - ئافرىقا ئەللىرىگە تەھلىكە سېلىپ، تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېرە تاراقشىتىشمۇ بىر تاكتكا. جۇۋا تارقشىتىش قورقۇنچتىن بولىدۇ. بەزى يېزى كادىرلىرى دېھقانلارغا سىياسەت قىلىدۇ.