Chinese→UyghurMain Dictionary
薯蓣
بىئولوگىيە
پىچەكگۈل
پىچەكگۈل ئائىلىسىگ كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يۆگىشىپ ياشايدىغان پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. تۆگۈنەك غولى نەيسىمان بولۇپ ئوڭغا يۆگىشىپ ئۆسىدۇ، پارقىرايدۇ، تۈكچىلىرى بولمايدۇ. ئاددىي يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇقىرى قىسىمدىكى يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئاز ساندىكى ئۇچ يوپۇرمىقى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق قولتۇقىدىن يۇمىلاق بىخ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى زور بولۇپ، ئادەتتە قۇلاقسىمان ئۈچكە يېرىلىدۇ، يوپۇرماق تومۇرى تورسىمان بولىدۇ، كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئاتىلىق گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ،2 - 4 كىچە بىرلىشىپ قولتۇقتا ئۆسىدۇ، گۈل ئوقى كۆپىنچە ئەگرىلىشىدۇ؛ ئانىلىق گۈل رېتى باشاقسىمان بولىدۇ. گۈلى كىچىك،گۈل يېپىنچىىسنىڭ دۈمبە تەرىپىدە قوڭۇررەڭ تۈكچىلەر بولغاندىن سىرت، يەنە قارامتۇل بىنەپشە رەڭ بەز تۈكچىلىرى بولىدۇ. غوزا مېۋىسىنىڭ قانىتى ئورغاقسىمان بولۇپ، يۈزىدە ئاق پاراشوكسىمان ماددا بولىدۇ. ئۇرۇقنىڭ تۆت تەرىپىدە پەردىسىمان قوڭۇررەڭ قانىتى بولىدۇ. كۆپىنچە تۈگۈنەك غولى ياكى شارچە بىخى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ياكى ياۋايى ئۆسىدۇ، چاۋشىيەن ۋە ياپونىيىدىمۇ بولىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى قوشۇمچە يېمەكلىك ۋە ھاراقنىڭ خام ئەشياسى ھەمدە دورا قىلىنىدۇ، ئۇ ئاشقازان ۋە تالنى ياخشىلاش، ئۆپكە ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئاساسەن تال ئاجىزلىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، ئېھتىلام بولۇش، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
shǔ yù
پىچەكگۈل
Dيېزا ئىگىلىك
shǔ yù
پىچەكگۈلDئۆسۈملۈك
薯蓣(芋)
shǔ yù
پىچەكگۈل