UyghurMain Dictionary
شۇتۋېل
دۇنيا تارىخى
(1874 - 1965) ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. كانادادا تۇغۇلغان. تورونتو داشۆسىدە ئوقۇغان. 1903 - يىلى كولومبىيە داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1908 - 1942- يىلىرى پروفېسسور بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خەلقئارا سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1918 - 1919 - يىللىرىدىكى پارىژ تىنىچلىق يىغىنى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <ئەقىل كۆرسەتكۈچى> دەپ ئاتالغان.1932 - 1943 - يىللىرى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئامېرىكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1935 - خەلقئارا ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939 - يىلى تىنچىلىق تەشكىلاتى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇزۇنغىچە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئەركىنلىك ئەنئەنىسى>، <چوڭقۇرلۇقنىڭ چېتى>، <گېرمانىيە نىمىلەرنى ئۇنتۇدى> ۋە <ئۇلۇغ تاللاش> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.<تارىخشۇناسلىق تارىخى> ناملىق كىتابى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. <ئەنگىلىيە ئېنسكلوپېدىيىسى>نىڭ 11 - قېتىملىق نەشىرىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرلىكىنى، <دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىقتىسادۋە جەمئىيەت تارىخى مەجمۇئەسى>نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.