Uyghur←ChineseMain Dictionary
شۇتسبۇند
Domain: دۇنيا تارىخى舒茨本德
shū cí běn dé
گېرمانچە Schutzbund نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى <قوغداش ئىتتىپاقى>، تولۇق نامى <جۇمھۇرىيەتچىلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى>. ئاۋسترىيە سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى. 1923 - يىلى ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ تەلىپى بويىچەئەكسىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 1934 - يىلى 2 - ئايدىكى فاشىستلارغا قارشى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان؛ ئەمما سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرى ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.