UyghurMain Dictionary
شۇنداقلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باغلىغۇچى، ئالدىنقى جۈملىنى كېيىنكى جۈملىگە باغلايدۇ، ئالدىنقى جۈملىدىكىگە ئوخشاش، شۇ قاتاردا.
دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشىمىز لازىم، شۇنىڭدەك دۈشمەننىڭ دوستىغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز لازىم. بىز ئالغا باسىمىز، شۇنداقلا غەلىبە قازىنىمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە.
ئوسمانجان بىلەن ئابلىكىم ساۋاقداش، شۇنداقلا خىزمەتداش بولغاچقا، بىر - بىرىگە ئىشىنەتتى.
رەۋ. ئادەتتىكىدەك، ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا.
- ۋاي - ۋۇي، بۇ نېمە ئاۋارىچىلىك، شۇنداقلا كېلىۋەرمەي، بىز تونۇمايدىغان، بىلمىگەن ئادەملەرمۇ.
ئال. شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇنىڭغا ئوخشاشلا.
ئۇ نىزامىدىننىڭ سۆزلىرىگە قانداق قايىل بولسا، نادەمنىڭ سۆزلىرىگىمۇ شۇنداقلا رازى بولغاندى.