Chinese→UyghurMain Dictionary
水仙
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
نەرگىس گۈل
بۇ تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تۇخۇم
شەكىللىك، يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، گۈلى ئاق، ئوتتۇرىسى سېرىق ۋە كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى
قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ھامىلە چۈشۈرۈش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئالتە گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ يوپۇرمىقىنى پۇراپ بەرسە، بەلغەم ۋە سەۋدا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ،
سوغۇقتىن بولغان نەزلە ۋە زۇكاملارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ گۈلىنى ئېزىپ باشقا چېپىپ بەرسە، يارىنى تازىلاپ، نەزلىنى توسىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ قۇرۇق يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، داكىدىن ئۆتكۈزۈپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە كۆكرەكنى تازىلايدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ قۇرۇق يىلتىزىنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ۋە ئاشقازاننى تازىلايدۇ.
12 گرام نەرگىس گۈلىنى ھەسەل سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى ھەر تۈرلۈك قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ، دوۋسۇن ۋە بالىياتقۇ
ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى ئۈچ كۈن سۈتكە چىلاپ، قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئېزىپ، جىنسىي ئەزانىڭ خەتنە قىلغان جايىدىن باشقا جايغا چېپىپ
بەرسە، باھنى كۈچەيتىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، يىرىڭلىق يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق جاراھەت، چىيقان، چاقىلارنى پىشۇرۇپ،
ئېغىز ئالدۇرىدۇ ۋە تازىلايدۇ.
نەرگىس گۈلىنى بۇغداي ئۇنى ياكى شىلىم، ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى (ئوقيا ئوقىنى) چىقىرىپ،
پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى قىزىل سەندەل، گىلى ئەرمىنى، فۇپەل، ئاقاقىيا، ھوزۇز، سەپىداپ، مەدەستانلار بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا
چېپىپ بەرسە، يامرايدىغان ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەرگىس گۈلىنى ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەرگىس گۈلىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، دائۇسسۆئلەب، بەھەق ۋە تېرىدىكى ئىزلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
نەرگىس گۈلى
تاشسامساق ئئىلىسىگە كىرىدىغان. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۇخۇمسىمان يۇمىلاق تەڭگىچە بولى بولىدۇ. يوپۇرمىقى يىپسىمان، ياپىلاق، تار ئۇزۇن، ئۇچى يۇمىلاق، بىرئاز يېشىل بولىدۇ. گۈل شېخىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، ياپىلاق بولۇپ، يوپۇرمىقى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ؛ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يالقۇنسىمان بولۇپ، پەردىلىشىدۇ؛ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى 4 - 8 دانە گۈلدىن تەركىب تاپىدۇ، گۈل تۈز ئۇزىرايدۇ، تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. گۈل يېپىنچىسى ئېگىز پۇتلۇق كېپىنەكسىمان، نەي قىسمى ئۈچ قىرلىق، ياپرىقى ئالتە بولۇپ، كېڭىيىدۇ ۋە سىرتقا قايرىلىدۇ، رەڭگى ئاق بولىدۇ؛ قوشۇمچە گۈلتاجىسى تېيىز رومكىسىمان، سۇس سېرىق، پۈرۈلمىگەن بوۇپ، گۈل يېپىنچىسىدىن قىسقا بولىدۇ. ئاتىلىقى قوشۇمچە گۈلتاجىسىنىڭ ئىچىدە ئۆسىدۇ، ئانىلىق ئاغزى ئۈچكە يېرىلىدۇ. غوزا مېۋىسى دۈمبىسىدىن يېرىلىپ، تەڭگىچە غولى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئۇ سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، ئادەتتە مۇنبەت قۇمساڭ تۇپراقتا ئۆسىدۇ، سۇدا ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، بىراق سۇدا ئۇزۇن ئۆسەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى فۇجيەن ۋە جېجياڭ بولۇپ فۇجيەن جاڭجۇدىن چىقىدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقا ئۆلكىلەردە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ. نەرگىس قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭى گۈلى يۇقىرى دەرىجىلىك خۇش پۇراق ماينىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. تەڭگىچە غولى بىلەن غول شادىسى شىرنىلىك بولىدۇ، شىرنىسى زەھەرلىك بولغاچقا غەلۋىرەك ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ، ئەگەر كالا ۋە قويلاپ يەپ سالسا شۇ ھامان پەيلىرى تارتىشىپ، كۆز چانىقى يوغىناپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.
دېھقانچىلىق
shuǐ xiān
نەركەسگۈلDيېزا ئىگىلىك
shuǐ xiān
نەرگىسDئۆسۈملۈك
shuǐ xiān
نەرگىسگۈل، نەرگىسسDئۇنىۋېرسال
shuǐ xiān
نەرگىس گۈلى
Dتارىخ
shuǐ xiān
سۇ پەرىسى، نەركەس، نىلۇپەر