Chinese→UyghurMain Dictionary
水网藻
بىئولوگىيە
تورسىمان يۈسۈن
يېشىل يۈسۈنلەر تىپى، تورسىمان يۈسۈنلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتر، رەڭگى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ. ھۈجەيرىسى سىلىندىرسىمان، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتر، كەڭلىكى 200 مىكرومېتر بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن ئىككى ئۇچىدىن تۇتىشىپ تورسىمان كولونىيىنى ھاسىل قىلىدۇ، تور كۆزى كۆپ ھاللاردا ئالتە تەرەپلىك بولىدۇ. ھۈجەيرىسى يۇمران ۋاقتىدا بىر يادرولۇق بولۇپ، ئىچىدە بىر دانە پلاستىنكىسىمان پىگمېنت تەنچىسى ۋە بىر دانە ئاقسىللىق يادروسى بولىدۇ؛ يېتىلگەندە ھۈجەيرە يادروسى كۆپ، پىگمېنت تەنچىسى توسىمان ھەمدە كۆپ ساندا ئاقسىللىق يادروسى بولىدۇ. تارقىلىشى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆل، كۆلچەك، ئېرىق ياكى شال ئېتىزلىرىغا تارقىلىدۇ. تېز كۆپىيىپ سانى زور مىقداردا ئاشقاندا، مايسا ۋە بېلىجانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.