Uyghur←ChineseMain Dictionary
شتاتلار ئىتتىپاقى نىزامى
دۇنيا تارىخى
邦联条例
bāng lián tiáo lì
ئەسلى ئەنگىلىيەگەقارام بولغان شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 شتاتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى نىزامى. 1777 - يىل 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ماقۇللىغان، 1781 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. مەزمونى: شتاتلار ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ (1781 -1787 - يىللىرى)، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ئورنىدا مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش؛ پۇقرالار باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش؛ دۆلەتكە زۇڭتۇڭ قويماسلىق؛ ئەڭ ئالىي ھوقۇق پارلامېنتتا بولۇش، ئۇنىڭ ئەزالىرى شتاتلار كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىككىدىن يەتتىگىچە ۋەكىلدىن تەركىپ تېپىش، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىك؛ ھەرقايسى شتاتلار پارلامېنتتىكى ۋەكىللەر ئىچىدىن بىر ئادەمنى سايلاپ چىقىش ئارقىلىق شتات كومىتىتىنى تەشكىللەپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛ شتاتلار پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چەت ئەل بىلەن شەرتنامە تۈزمەسلىك، ئۇرۇش ئېلان قىلماسلىق، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك؛ شتاتلار يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان ئىمپورت بېجى نىزامىنى جەزمەن ئىجرا قىلىش؛ پارلامېنتنىڭ ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىنى تەيىنلەش، پۇل قويدۇرۇش ھوقۇقى بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەل قىلغۇچ بەلگىلىمىلەرنى چىقارغاندا، بۇ بەلگىلىمىلەر توققۇزدىن ئارتۇق شتاتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىلا، كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇ -بىر تۇتاش دۆلەت ھاكىمىيىتى بولۇپ بىرلىشىشىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.