UyghurMain Dictionary
شېشە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتا، خام.
شېشە كۆڭلەك. * شېشە تامبال.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئەينەك.
2 . شېشىدىن ياسالغان بوتۇلكا قاتارلىقلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇق ئۇسىدىغان، بوغۇزى تار ئىدىش، كۆپىنچە ئەينەكتىن ياسىلىدۇ.
لىق شېشە شالاقلىماس. شېشە ئۆزى ياسىلار قۇم - تاشتىن لېكىن تاش ئۇنى سۇندۇرار باشتىن. بوتۇلكا بوينىدىن سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پاختىدىن توقۇلغان رەخت، ماتا، خام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەينەك.
يۈز تەڭگىگە چىنە ۋە شېشە قاچا ئالدىم.
ئەينەك ياكى چاقچۇقتىن ياسالغان بوغۇزى تار بوتۇلكا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.
- نەدىكىنى! ئاي دېگىنە، ئاي! ئىشەنگىنىڭ كەلمىسە، شېشە بىلەن پېشانەڭگە <ۋاققىدە> بىرنى قوي - دە، قېنىڭنى ئېقىتىپ دوختۇرخانىغا چاپ.
لامپا، پانارلارنىڭ نۇرىنى يىغىش ۋە شامالدىن مۇداپىئە قىلىش رولىنى ئوينايدىغان ئەينەك بۇيۇم.